ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بەزى دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى تەكشۈرمەكتە

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت خىتاينىڭ ئالاقىدار تور ئارخىپلىرىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان كلىنىكىلىق سىناقلار ھەققىدە ئەندىشىلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ پايزېر (Pfizer) قاتارلىق بەش چوڭ دورا شىركىتىنىڭ باشلىقلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلاردىن خىتايدىكى دورا شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلغان ۋە بۇ مەلۇماتنى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە تاپشۇرۇشنى بۇيرۇغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت خىتاينىڭ ئالاقىدار تور ئارخىپلىرىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان كلىنىكىلىق سىناقلار ھەققىدە ئەندىشىلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ كلىنىكىلىق سىناقلاردا ئىختىيارىي بولۇش، ئوچۇق-ئاشكارە بولۇش، تولۇق خەۋەردار قىلىنىش ۋە رازىلىقىنى ئېلىش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىنمىغانلىقىنى بايقىغان.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ باشلىقى جون مولېنار (John Moolenaar) ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى بەش شىركەت باشلىقىغا يازغان خېتىدە، ئۇلارنىڭ خىتايدا كلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىش قائىدە-تۈزۈمى، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ ھەربىي دوختۇرخانىلىرىدا 2015-يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان كلىنىكىلىق سىناق سانى، بۇ جەرياندىكى ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈش جەريانى قاتارلىق مەلۇماتلارنى سورىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان رىقابەت مەيدانلىرىدىن بىرى بىئو-تېخنىكا ساھەسى بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ كلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىشتا، سۈرئەت جەھەتتە ئامېرىكىدىن 3-5 ھەسسە تېزلەشكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا تەجرىبە قىلىنغان ئادەملەرنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئەخلاقىي ئۆلچەمگە خىتاينىڭ ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەب ئىكەنلىكىنى تونۇغان.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تاقىلىدىغان بۇ مەسىلە، ئامېرىكىنىڭمۇ دۆلەت ئامانلىقى، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە سەزگۈر مەنپەئەتلىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مەزكۇر تەكشۈرۈشنى باشلىغان.