ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدەتتى

ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئوينالغان ئۆزبېكىستان-كونگو مۇسابىقىسىدە 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تاماشىبىنلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، بەش دانە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى توپ مەيدانى ئەتراپىدا لەپىلدىدى.

بۇ يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئۆزبېكىستان كوماندىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ۋە ھەۋىسىنى قوزغىدى. 29-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئوينالغان ئۆزبېكىستان-كونگو مۇسابىقىسىدە 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تاماشىبىنلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، بەش دانە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى توپ مەيدانى ئەتراپىدا لەپىلدىدى.

بۇ بايراقنى لەپىلدەتكەنلەردىن تۇمارىس ئالماس خانىم ئائىلىسى بىلەن ۋە مەمەت ساۋۇت ئەپەندىلەر دوستلىرى بىلەن مۇسابىقىگە ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدىن، يەنى 760 كىلومېتىر مۇساپىدىن كېلىپ قاتناشقان.

تۇمارىس ئالماس خانىم ۋە مەمەت ساۋۇت ئەپەندىلەر ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەڭ يېقىن خەلق ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ دۇنياۋى مۇسابىقىگە قاتنىشىشتەك بۇ شان-شەرىپىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنى قوللاش ۋە نەتىجىلىرىدىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇلار يەنە مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى مىليونلىغان تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش، بولۇپمۇ بۇ بايراقنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بۇ بايراقنى بىر قېتىم كۆرۈش پۇرسىتى يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇسابىقە مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، مۇسابىقە بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن تۇمارىس خانىم ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن؛ تالاش-تارتىشتا بىخەتەرلىك خادىملىرى تۇمارىس خانىمدىن بايراقنى تاپشۇرۇش ياكى مەيداندىن ئايرىلىشنى بۇيرۇغان. تۇمارىس خانىم بايراقنى تاپشۇرۇشنىڭ ئورنىغا مەيداندىن ئايرىلغان. بىخەتەرلىك خادىملىرى باشقىلارغا قاراتقان مىللىي نەپرەت قوزغىغۇچى بايراقلارغا رۇخسەت يوقلۇقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، بۇ بايراقنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بېرەلمىگەن.

مۇسابىقىنى كۆرگەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلاردىن فەرۇق ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ مۇسابىقىنى باشتىن-ئاخىر كۆك بايراقنى دۆمبىسىگە يېپىنچاقلىغان ھالەتتە كۆرگەنلىكى ۋە دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە، تۇمارىس خانىمنىڭ قولىدىكى بايراق نىسبەتەن چوڭ بولغىنى ۋە ئورنى دىققەت تارتىدىغان ئورۇندا بولغاچقا، خىتاي تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بىئارام قىلغان؛ كۆك بايراقنى ئېكراندىن كۆرگەن خىتاي دائىرىلىرى ياكى نەق مەيداندىكى خىتاي تاماشىبىنلار بۇ بايراق ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

بىز بۇ پەرەزنىڭ توغرا-خاتالىقى، يەنى تۇمارىس خانىم ئۇچرىغان توسقۇنلۇقنىڭ ئېنىق سەۋەبى ھەققىدە مۇسابىقىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا خەت يازغان بولساقمۇ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىلمىدى.

تۇمارىس خانىم بۇ ۋەقە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى مىليونلارچە تاماشىبىننىڭ ئالدىدا بىر قانچە قېتىم لەپىلدىتىشتەك بۇ پۇرسەتنىڭ ئۆزلىرىگە يېتەرلىك تەسەللىي بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.