خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇتا (Utah) شىتاتىدىكى خەلقئاراغا تونۇلغان بىر بالىلار خور ئۆمىكى ئۈرۈمچى ۋە كورلا قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، «مول مەزمۇنلۇق» مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغان. 13-ئىيۇلدىن 20-ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدىغان بۇ پائالىيەت مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىش، يەرلىك بالىلار بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىش، پاختىزارلىقلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت 16-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەدەزلەشتە ئامېرىكىلىق سەبىي بالىلارنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلدى» دەپ تەنقىد قىلدى ۋە بۇ قىلمىشنى رەزىللىك دەپ ئەيىبلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، «بىر ئاۋاز بالىلار خورى» (One Voice Children’s Choir) نامىدىكى مەزكۇر بالىلار خور ئۆمىكى 2000-يىللاردا قۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارا سەھنىلەردىمۇ نومۇر كۆرسىتىپ، بەلگىلىك نوپۇزغا ئېرىشكەن. بۇ ئۆمەك بۇ نۆۋەت 40 نەپەر ئەزاسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان، زىيارەتنى خىتاينىڭ «خەلقئارا مائارىپ ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نامىدىكى ئاتالمىش ئاممىۋى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.
بۇ بالىلارنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن، جۈملىدىن لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قاتارلىق پاجىئەلەردىن خەۋەرسىزلىكى ۋە پائالىيەت جەريانىدىمۇ ئۇلاردىن ۋەزىيەتنىڭ سىر تۇتۇلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئارسلان ھىدايەت، خىتاينىڭ بۇ رەزىل ئويۇنى ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەر بىلەن پەدەزلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئارسلان ھىدايەتنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارلارغا، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنلىرىغا قاراتقان بىر مەككارلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقان رەت قىلىش كۈرىشىدۇر.
ئارسلان ھىدايەت يەنە خىتاينىڭ بۇ سەبىي بالىلارنى پاختىزارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇرۇشىنىڭ، ئۇلارنىڭ يېشى، قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئورۇنسىز بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق خەلقئارادىكى خىتايغا قارىتا مەجبۇرىي ئەمگەك ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مەككارلارچە ھازىرلانغان بىر سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇنىڭ يەنە قارىشىچە، خىتاي بۇ قېتىملىق تەشۋىقاتىدا ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلەۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە كەلگۈسىدە كېلىدىغان بىر جازانىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئۇزۇن مەزگىل توسالغۇسىز داۋام قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
ئارسلان ھىدايەت بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ مەزكۇر بالىلارنىڭ سەبىيلىكىدىن پايدىلىنىپ قايمۇقتۇرۇش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ تەشۋىقات سېپىگە سۆرەپ كىرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنى بۇ زىيارەتنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاشقا ۋە زىيانلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
