ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت دوكلاتىنىڭ تۆت يىللىقىدا ئەمەلىي ھەرىكەت تەلەپ قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشكە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە چاقىردى.

2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ب د ت نىڭ ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ ئېنىق دىئاگنوز قويۇشى بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرااتلىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېھتىماللىقى بار دەپ بېكىتىلگەن ۋە دوكلاتتىكى باشقا باھالارمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىققا ياتىدىغانلىقىنى ئىشارەتلىگەنىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن: ”تۆت يىللىق ھەرىكەتسىزلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جاۋابكارلىقتىن تېخىمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشىنى كۈچەيتىشىگە ئالدىنى ئاچتى“ دېدى.

ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت باياناتىدا، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئېھتىماللىقى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بېيجىڭنىڭ ھازىرغىچە يېتەرلىك جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يۇمشاقلىقنىڭ خىتاينى تېخىمۇ جەسارەتلەندۈرگەنلىكى، ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى“ قاتارلىق ئاسسىمىلىلياتسىيە قوراللىرى ئارقىلىق قىرغىنچىلىقنى تېزلىتىشنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ب د ت نىڭ نۇپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر ئۇيغۇر دوكلاتى ب د ت غا سۇنۇلغان چاغدا، خىتاي پۇتۈن دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئېلان قىلىنىشىنى بىر يىل ئەتراپىدا كېچىكتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن توسۇپ قالغان ئىدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى، مەزكۇر دوكلاتنى يېڭىلاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك، داۋاملىشىۋاتقان تۇتقۇن ۋە چېگرا ھالقىغان دۆلەت باستۇرۇشىغا ئائىت يېڭى ئىسپاتلارنى قوشۇشقا چاقىردى؛ شۇنداقلا ئۆز دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان-باغلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ب د ت نىڭ 2022-يىلىدىكى مەزكۇر دوكلاتىدا خىتايدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

يۇقىرىقى تەشكىلاتلار يەنە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى دىپلوماتىك، قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بېيجىڭنى ب د ت نىڭ مەزكۇر دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىردى.

مەزكۇر تەشكىلاتلار باياناتلىرىدا ب د ت ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ ئىشقا يارىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، يەنە بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا مۇئەييەن بېسىم شەكىللەندۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە خىتاينىڭ زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سۈنئىي زىيارەتلەرنى تەشكىللىشى ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشىنى ئەنە شۇ بېسىمنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.