ئەمما ئۇ، بىرلا نەرسىنى ئۇنتۇمىدى...

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تەڭرىتاغ تور بېتىدە «ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشنىڭ باشلامچىسى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.03.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئابلىكىم ئېلى 2003-يىلىدىن باشلاپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ 142-پولكىغا 1000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشلەمچىنى باشلاپ بېرىپ پاختا تېرىۋېلىش ئىشىغا ساپتۇ. شۇنداق ئاكتىپ ئىشلىگەن ئابلىكىم ئېلى، 2004-يىلى 5-ئايدا پەيزاۋات ناھىيىسىدە «ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش خىزمەت پونكىتى» قۇرۇلغاندا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئابلىكىم ئېلى شۇ پونكىتقا باشلىقلىققا تەيىنلىنىپتۇ. ئابلىكىم ئېلى ھازىرغىچە پەيزاۋات ناھىيىسىدىن ئىچكىرى خىتايغا قانچىلىك ئەمگەك كۈچى يوللىدى؟ بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇللار قانچە، قىزلار قانچە؟ يۇقىرىقى خەۋەردە بۇ توغرىدا ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات بېرىلمىدى. لېكىن، خەۋەر يازغۇچىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا، پەيزاۋات ناھىيىسىدىن 2009-يىلى بىر يىل ئىچىدە 68مىڭ ئادەم (قېتىم) ئەمگەك كۈچى سىرتقا ئەمگەككە چىقىرىلغانمىش.

ئۇنداقتا پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ نوپۇسىدا قانچىلىك ئۇيغۇر باردۇ؟ بۇ ساننىڭ قانچىسى ئۇيغۇرنىڭ قىزى، قانچىسى ئۇيغۇرنىڭ ئوغلىدۇر؟
سېلىشتۇرۇپ باقايلى! بىر يىلدا 68مىڭ ئادەم (قېتىم) مۇستەملىكە يۇرتلاردىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىچكىرى خىتايغا ۋە باشقا يۇرتلارغا ئۇيغۇرلار ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىدىغان بولسا،يەنە 68مىڭ نەپەر خىتاي كۆچمەن غۇلجىغا، خوتەنگە، تۇرپانغا، قەشقەرگە پويىزدىن تۆكۈلدى دەيلى؛

 ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىلگەن 68مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ئوغۇل- قىزلىرى ئىچكىرى خىتايدا ياكى بىڭتۇەندە نېمە ئىش ئىشلەيدۇ؟ پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كۆچۈپ چىققان 68مىڭ خىتاي كۆچمەن قەيەردە ئىشلەيدۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇر ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش مەقسەت قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ يۈرۈپ ئاۋارە بولماي، ئىچكىرى خىتايدىن چىققان كۆچمەن خىتايلارنى كۆچۈرۈشنى توختىتىپ قويۇپ، ئۇلار مۇستەملىكە يۇرت «شىنجاڭ» غا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشنى، خىزمەتنى يەرلىك ئۇيغۇر ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىگە بەرسە، شۇ خىزمەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرسا بولمامدۇ؟

يەنە مەسىلەن، ئېھتىمالغا يەنە شۇنداق دەيلى، ئابلىكىم ئېلى 1000نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقاننى يېتىلەپ بېرىپ 142‏-پولكتا پاختا تېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلار ئىشسىز قالدى دېگەن سۆز. نېمىشقا ۋاڭ كىجاڭ ياكى جاڭ كېجاڭ بىڭتۇەننىڭ خىتايلىرىدىن 1000 نەپەر كىشىنى يېتىلەپ كېلىپ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا پاختا تېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇل تاپمايدۇ؟ نېمىشقا ئۇيغۇرلار خىتايغا ئىشلەمچى، يىللىقچى، مەدىكار بولۇپ ئىشلەپ بېرىدۇ؟ نېمىشقا خىتاي ئۇيغۇرغا ھېچ بولمىغاندا ھەپتىلىك ئىشلەمچى، ھەتتا پەسىل قوشلىرى بولۇپ يىتىپ كېلىدىغان خىتايلارمۇ ئۇيغۇرغا ئىشلەمچى بولۇپ ئىشلەپ بەرمەيدۇ؟

ئەمگەك كۈچى- ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بىر شارائىت، ئەمگەك شارائىتىغا ئېرىشكەن بولۇشى شەرت. ئەمگەك شارائىتىنى كىم تەييارلايدۇ؟ ھوقۇق تەييارلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك شارائىتى يارىتىدىغان ھوقۇقى يوق. تۆمۈر، مىس كانلىرىنى ئاچالمايدۇ.

تەبىئىي گاز ۋە نېفىتلىك ئاچالمايدۇ، مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت، فابرىكا قۇرالمايدۇ، شۇنداق ئىقتىدارنى تەييارلىغان ئاز ساندا ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، ئۇلار يۇقىرىقىدەك قىلالمايدۇ چۈنكى، ھوقۇقنىڭ پىلانلاش كۈچى، ھوقۇقنىڭ تەستىقلاش كۈچى، ھوقۇقنىڭ تەشكىللەش كۈچى بۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا يوق. شۇڭا ھوقۇق، ئەمگەك شارائىتى، ئەمگەك كۈچىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغىنى، قۇل بىلەن خوجايىننىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگە قىلغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدۇر.

بۇنىڭ ئىسپاتى نېمە؟ خەۋەر يازغۇچى «ئۇ بىر نەرسىنى ئۇنتۇمىدى. ئۇ بولسىمۇ پارتىيىگە بولغان مۇھەببەت، ئىتتىپاقلىققا بولغان ئەقىدىنى ئۇنتۇمىدى» دەيدۇ. نېمىكەن ئۇ پارتىيە دېگەن، پارتىيە دېگەنگىمۇ مۇھەببەت قويىدىغان ئىش بارمىكەن؟ نېمە ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەن، ھوقۇق تەڭلىكىنى، ھوقۇق باراۋەرلىكنى تەكىتلىمەي، نوقۇل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلىگەن مۇستەملىكە بىر ئەلدە، بۇنى تەكىتلەش-ئەمەلىيەتتە زوراۋانلىقنى تەكىتلەشكە باراۋەردۇر. ئابلىكىم ئېلى پارتىيىگە مۇھەببەت قويۇۋاتقىنى يوق، ئەمەلىيەتتە قۇلدار خىتايغا، خوجايىن خىتايغا مۇھەببەت قويۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.