جاڭ گېنېرال نېمە دەيدۇ؟

ھاۋاي يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەتتا خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ ھەددى-ھەرىكەتلىرىدە بىر خىل ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.11.18

ھاۋاي يىغىندا پرېزىدېنت ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامە، پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر-تەلەپلىرىگە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق جاۋاب قايتۇرماي تۇرۇۋالدى.

سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 4‏-قانىلىغا چىقىپ مۇنازىرە قىلغۇچىلار، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قاراتقان سىياسەتلىرى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ئاۋسترالىيىگە ھەربىي ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا خىلمۇ-خىل مۇنازىرىلەردە بولۇشتى.

2011‏-يىلى 11‏-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگوغا نەزەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو 3‏-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشقىمۇ پىسەنت قىلماي ئىراننى قوغدايدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېنېرال جاڭ «يېرۇسالېم پوچتىسى گېزىتى» گە سۆھبەت بايان قىلغاندا، جۇڭگو 3‏-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قوزغىلىشىغىمۇ پىسەنت قىلماي، ئىراننى قوغدايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. لېكىن، خىتاي تور بەت ئەزالىرى :ئىراننى قارا باسىدىكەن، گېنېرالنىڭ سۆھبەت بايانى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس دەپ، كۆرسىتىشتى.

جاڭ گېنېرال مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلدى، لىۋىيىنى ئوڭۇشلۇق بومباردىمان قىلدى. لېكىن ئىران، ئىراق ئەمەس، لىۋىيە تېخىمۇ ئەمەس. ئىران 1مىليون 6 يۈزمىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنغا، 70 مىليون ئاھالىگە ئىگە، 750 مىڭ كىشىلىك 3خىل ئارمىيىگە ئىگە دۆلەت. ئىران ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قويۇپ بېرەلەيدىغان راكېتا قوراللىرىغا ئىگە دۆلەت. جاڭ گېنېرال «يېرۇسالېم پوچتىسى گېزىتى» دە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە ئىراننىڭ يۈزەكى، جۇڭگو ئىراننىڭ يوشۇرۇن تۈۋرۈكىدۇر. جاڭ گېنېرال خىتاي بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئاشكارىلىدى.

بىر چاغلاردا خىتاينىڭ جۇ چىڭخۇ دەيدىغان گېنېرالى «بىزنىڭ راكېتالىرىمىز كالىفورنىيىگە يېتىپ بارالايدۇ» دېگەن ئىدى. ئەمدى خىتاينىڭ گېنېرالى جاڭ، جۇڭگو ئىرانغا ياردەم بېرىدۇ، دەيدۇ.

خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىغا كەلسەك، ئىقتىسادى يىمىرىلىش گىرۋىكىگە يىتىپ كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىقتىسادنىڭ باش قېتىنچىلىقىدا قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئەسكى تامدىن كېسەك ئېلىپ يېڭى تام قوپۇرۇپ، ئىقتىساد پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلماقچى بولۇۋاتىدۇ. تور بەتلىرىنىڭ يېزىشلىرىغا قارىغاندا، 80مىليون يۈرۈشلۈك ئۆي بىكار قالغانمىش. بۇنداق ئەھۋالدا بانكىنىڭ بېشى قاتمامدۇ؟

مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان بىر قائىدىسى شۇكى، ۋەزىيەت جىددىيلەشكەندە، پۇقرالارنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋېتىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش-مانا بۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان قائىدىسىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.