" تىبەت خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر قىسمى" دېگەن سەپسەتە
نۇرغۇن خىتايلارنىڭ نەزىرىدە تىبەت، سوڭزەن گەنپۇنىڭ تاڭ مەلىكىسى ۋېن چىڭنى ئەمرىگە ئېلىشىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئويلايدۇ، دېگىلى بولمايتتى. چۈنكى يېقىندا خىتاي زىيالىسى جاڭ مىڭ " كۈزۈتىش" ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تارىخنى مۇبالىغىلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىپلىگەن.
ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندى بۇ ئوبزورىدا، جاڭ مىڭنىڭ مەزكۇر ماقالىدىكى تارىخ قارىشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.