خىيانەت ۋە جىنايەت

خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى گويا بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىجابىي قەدەملەرنى باسىدىغاندەك، شۇنداقلا يەرلىك خەلققە پايدىلىق بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىدىغاندەك بىر مەنزىرىنى يارىتىشقا تىرىشقان ئىدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2010-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەسىلەن، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىتالىيە زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قايتىپ كېلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇرۇسىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ، مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. مەركەزدىن 20 نەچچە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 كىشىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن، يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بەرگەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ باش جاۋابكارى ھېسابلانغان ۋاڭ لېچۈئەننى مەركەزگە يۆتكەپ كىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقاتقان ئىدى.

ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدە قىلغان "بەلەن" سىياسىتىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاۋال، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى قانۇنى " دېگەن نەرسە چىقتى، بۇ قانۇن 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنماقچى.

بۇ قانۇن بويىچە، بۇندىن كېيىن بىرەر خىتاينى، "خىتاي" دەپ قويسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى زىنداندا كۆرىسىز.

ئارقىدىنلا بۇ قېتىم چاقىرىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 3 - ئومۇميىغىنى مەزگىلىدە، 1997 - يىلى چىقىرىلغان، " جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش قانۇنى " نىڭ يېڭىلانغان ۋە تولۇقلانغان نۇسخىسى ماقۇللاندى، مەخسۇس 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش مەقسىتىدە چىقىرىلغان بۇ قانۇنمۇ 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنماقچى.

بۇ قېتىم ماقۇللانغان بۇ قانۇندا، ئاتالمىش "3 خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن بولۇپ، مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى سەل - پەللا كۈچلۈك بولغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىتلىگەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى زەربە بېرىش نىشانىدىن ئىبارەت.

ئۇندىن باشقا يەنە، بۇ قېتىمقى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، "قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زورايتىش قانۇن تەكلىپ لايىھىسى" دېگەن نەرسە سۇنۇلدى. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى پەيدىن - پەي يوق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش نىشان قىلىنغان بۇ تەكلىپ لايىھىسىمۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە رەسمىي قانۇنلىشىپ ئىجراغا قويۇلۇشى مۇمكىن.

مانا بۇلار، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان ئاتالمىش " ياخشى سىياسەت " لەر ئىدى.

ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ۋە ئاپتونومىيىلىك ھەق - ھوقوقلىرىغا تامامەن زىت كىلىدىغان بۇ قانۇنلار، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن ئاپتونومىيىلىك جايلار ھەققىدىكى ماددىلارغا ۋە " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " غا قىلىنغان ئوچۇقتىن - ئوچۇق بىر خىيانەت ۋە جىنايەت ئىدى.

چۈنكى، " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " نىڭ باشلانغۇچ قىسمىدا، " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە - ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى نامايەن قىلىش " دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇپ سىڭدۈرۈش ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەكتە.

ئۇندىن باشقا يەنە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ بېرىلگەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تەرىپىدىن بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا " كۆتۈرەڭگۈ روھ " بىلەن جاراڭلىق ئوقۇپ چىقىلغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتمۇ، ماھىيەتتە خەلقئارا قانۇن - پرىنسىپلارغا ۋە خىتاي تەرىپىدىن چىقىرىلغان " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " نىڭ روھىغا قارشى قىلىنغان خىيانەت ۋە جىنايەتلەر بىلەن تولغان بىر ئىقرارنامە ئىدى.

مەسىلەن، نۇر بەكرىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 12 مىڭ 120 يۈئەنگە يەتكەن، دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 400 يۈئەن ئاشقان.

دوكلاتتا يەنە، بىڭتۈئەنلىك خىتايلارنىڭ كىرىمى ھەققىدىمۇ ئايرىم مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، 2009 - يىلى بىڭتۈئەن تەركىبىدىكى شەھەرلىك خىتايلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ يۈئەنگە، بىڭتۈئەنلىك خىتاي دېھقانلارنىڭ كىرىمى بولسا 7300 يۈئەنگە يەتكەن.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىگە يېقىنراقى يېزىلاردا ياشاپ كەلمەكتە، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپىرەكى شەھەرلەردە ياشىماقتا. بۇنىڭدىن، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادى جەھەتتە ناھايىتى زور پەرقنىڭ بارلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ، "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 62 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن "دۆلەت، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلاردا بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ئالدى بىلەن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىشى، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشى، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم،" دېگەن ماددىسىنىڭ روھىغا قىلىنغان ئوچۇقتىن - ئوچۇق بىر خىيانەت ئىدى.

نۇر بەكرىنىڭ دوكلاتىدا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان بويىچە " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى " دېگەن نامدا باشقا يۇرتلارغا ھەيدەلگەن دېھقانلارنىڭ سانىنىڭ 1 مىليون 663 مىڭ نەپەرگە يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 123 مىڭ 900 نەپەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىمۇ 2009 - يىلى ئىچىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن " زور نەتىجە " لەرنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە " مىللىي تەرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " تۇرماق، ھەتتا خەلقئارا قانۇنلارغىمۇ تۈپتىن خىلاپ كېلىدىغان بىر ئىنسانلىق جىنايىتى ئىدى.

چۈنكى، بىر مىللەت ياكى بىر خەلقنى كوللىكتىپ ھالدا يۇرت - ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ھەيدەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى بولسا، خەلقئارا سوتتا جازاغا تارتىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىرقىي تازىلاش جىنايىتىدىن ئىبارەت.

نۇر بەكرى دوكلاتىدا يەنە، " قوش تىللىق " دەپ ئاتالغان خىتايچە يەسلىلەردە، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغانلىقىنىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ 2009 - يىلى قولغا كەلتۈرگەن " زور مۇۋاپىقىيەتلىرى " نىڭ بىرى قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇمۇ، " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " نىڭ 37 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن، " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلاردىكى ئاپتونوم ئورگانلار ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا مىللىي مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەردە، شارائىتى بارلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىدا دەرسلىك ھازىرلاپ چىقىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدا دەرس بېرىدۇ " دېگەن ماددىسىغا قىلىنغان زور بىر خىيانەت ئىدى.

دېمەك، يۇقىرىقى ھادىسىلەر، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان قانۇننى ئۆزى ئاياق ئاستى قىلىدىغان بۇ خىل تەبىئىتىنىڭ ئەسلا ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﺗﯩﻞ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﯬﮔﺪﯛﺭﻩﻟﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ،ﯬﻛﺴﯩﭽﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯻﺮﺍﺩﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﭖ ،ﺧﯧﺘﺎﻱ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﻙ ﭼﯩﮕﺮﺍﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﯪﻳﺮﯨﺸﯩﻤﻨﯩﺰﻏﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻳﺎﯓ ﺯﯨﯖﺸﯩﻦ ،ﺟﯩﻦ ﺷﯘﺭﯨﻦ ،ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﯞﺍﯓ ﻟﯧﭽﯜﻩﻥ ﻧﯘﺭﺑﻪﻛﺮﯨﻠﻪﺭ ﻫﺎﻣﺎﻥ .ﯪﻟﺪﯨﻨﻘﯩﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .

Jan 22, 2010 06:05 AM

تولۇق بەت