28 ‏- يانۋار شايار توقۇنۇشى

شايار ناھىيىسىنىڭ شايار بازىرىدىكى بىر ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىدا، 28 ‏ - يانۋار كۈنى كەچتە ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش چىققان.

0:00 / 0:00

توقۇنۇشتا، 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش، ئويۇنچۇقخانىنىڭ خىتاي ساھىبى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان، بىر نەپىرى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ۋەقەگە شاھىد بولغان ئۇيغۇرلار نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىنى قورشىۋېلىپ ساقچىلار ۋە ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۇ ۋەقە ھەققىدە قىسقا خەۋەر بەرگەن بىر ئۇيغۇر تور بېتى، شۇ كۈنى شاياردا بىرنەچچە يۈز كىشىلىك نامايىش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىز ئەھۋال ئىگىلەپ ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، دەسلەپتە ئۇلار ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى.

ئارقىدىن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما ھازىرچە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ناھىيىلىك سودا - سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر خادىم ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ ۋەقەنى داۋاملىق ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شايار ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، يارىدارلاردىن بىرىنىڭ سىراجىدىن ئىسىملىك ياش ئىكەنلىكى، ھازىر ئېغىر دەرىجىدە يارىدار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. يارىدارغا قاراۋاتقان بىر ئۇيغۇر ۋەقەدە ئۆلگۈچىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئىنتېرنېتتە تارقالغان خەۋەرلەردە ساقچىلارنىڭ، ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئەمما ۋەقە تۇغدۇرغان خىتايلارنى تۇتمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى؛ بۇ ئەھۋال بىر ساقچىنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ مەلۇم بولدى.

يارىدارغا قاراۋاتقان كىشى ۋەقە تۇغدۇرغان خىتايلارنىڭمۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقىنى ۋە سوراق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.