بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدىكى تەن جازاسى ھەققىدىكى بايانى ۋە ئارزۇسى

خىتاي تۈرمىلىرىدىكى تەن جازاسى مەسىلىسى، ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تۈرمىلىرى دۇنيادىكى مەھبۇسلارغا نىسبەتەن قىيىن‏ - قىستاق ئەڭ ئېغىر بولغان تۈرمىلەردىن ھېسابلىنىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.06.17
Hoten-kesilgen-barmaq-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 2003 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 11 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﻣﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ 5 ﺋﺎﻱ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻰ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ ھەقتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى ئالىي خادىمى مانفىرىد نوۋاك 2005 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە خىتايدا 12 كۈن مەخسۇس زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، بېيجىڭدىكى ھەمدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

ئەينى چاغدا مانفىرىد نوۋاك ئەپەندى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھەم 2006 - يىلى ب د ت گە يوللىغان خىتاي تۈرمىلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 1996 - يىلى تەن جازاسىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تۈرمىلىرىدە بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە ساقچىلارنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ۋەھشىي ئۇسۇللاردا قىيناش ئەھۋاللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

شۇنداقلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مارك ئېللىسىن " قىيىن - قىستاققا ئېلىش ئەھۋالى خىتايدا ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك. ئەمما بىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغىنىمىزدا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ ئېغىر ۋە ۋەھشىي قىيىن - قىستاققا ئېلىش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.

2005 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئالىي خادىمى مانفىرد نوۋاك، ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرمىلەرنى تەكشۈرگەن مەزگىلدە تۈرمىدە ياتقان ھەم مانفىرد نوۋاك ئەپەندىنىڭ شۇ قېتىملىق زىيارىتىدە، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى قىيىن ‏ - قىستاق ھەققىدە ب د ت خادىملىرىغا ئىسپات بەرگەنلىكى ئۇچۇن، تۈرمىدىكى جازا مۇددىتى ئۇزارتىلغان ، خىتاي تۈرمىسىدىكى قىيىن - قىستاقلارنىڭ شاھىدى بولغان، ھېلىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان، ھازىرچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى قىيىن ‏ - قىستاق ھەققىدە ئوز بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىنى ھەم ئۆزى كۆرگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بىزگە ئىنكاس قىلدى.

ئۆزىنىڭ 10 نەچچە يىللىق ھاياتىنى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن بۇ كىشى خىتاي تۈرمىسىدىكى قىيناق دەستىدىن سالامەتلىكىدىن ئايرىلغان، مەجرۇھ بولغان ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدە ياتقان مەزگىلىدە، سوراق قىلىنىش جەريانىدا 120 سائەت ئۇيقۇسىز قالدۇرۇلۇپ قىيناق ئارقىلىق سوراق قىلىنىش ئەھۋالىنى بايان قىلدى.

خىتاي تۈرمىلىرىدە، گۇندىپايلارنىڭ ھەتتا ئاياللارنىمۇ چىدىغۇسىز ئازابلار بىلەن قىينايدىغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ كىشى، ئەينى چاغدا 70 ياش ئەتراپىدىكى ئانىسىنىڭ 3 دانە چىشىنىڭ گۇندىپايلار تەرىپىدىن سۇغۇرىۋىلىنغانلىقىنىمۇ بايان قىلدى.

بىز بۇ كىشى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان يەنە بىر ئۇيغۇردىنمۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى قىيىن - قىستاقلار ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.

بىزگە خىتاي تۈرمىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەن بۇ كىشى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۆزىگە ئوخشاش شاھىتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىسپات بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.