دىلبەر توختى ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.06.01
2009.06.01

ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰ RFA ﮔﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
بىزنىڭ خەۋىرىمىز بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم كىشى، رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە مەرھۇم مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ھايات چېغىدىكى رەسىمى ھەم ئۆلۈپ كەتكەن چېغىدا قانۇن دوختۇرلىرى تەرىپىدىن تارتىلغان رەسىمىنى يوللىدى.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مەرھۇمنىڭ ئايالى دىلبەر توختى خانىمنى قايتا زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىز جەريانىدا دىلبەر توختى خانىم بىزگە مەرھۇمنىڭ ھايات چېغىدا تارتىلغان سۈرىتىنىڭ، مەرھۇم ئۆلۈپ كېتىشتىن 15 كۈن بۇرۇن ئوغلى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
دىلبەر توختى خانىم بىزگە بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردىن، مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئانىسى سەمەرخان ئوبۇلنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بەردى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئانىسى سەمەرخان ئوبۇل خانىم، ئوغلىنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ھەم 3 يىل جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەرز قىلىپ، ھەتتا بېيجىڭغىچە بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز دىلبەر توختى ھەم سەمەرخان ئوبۇل خانىم بەرگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، قولۇم - قوشنىلىرى، شۇنداقلا بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرى بار ھۆكۈمەت تەرەپ ئادەملىرىدىن دىلبەر توختى تۇرۇشلۇق ئاھالە كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالىمجان ئەپەندى، يەكەن گۈلباغ ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇق.
مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ كىچىك ئانىسى بۇ دېلو ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى...
مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئۆلۈمى يەكەن ناھىيىسى تەۋەسىدە زور ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ھەم بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان، بۇ ناھەق دېلو ئۇستىدىن ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان، مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ بىر قوشنىسى ئوز پىكرىنى مۇنداق بايان قىلدى.
بۇ قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلبەر توختى خانىم، ئېرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سولاقخانا باشلىقى شۇ توڭرېننىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان بىر ئەمەلدار تۇغقىنى، بۇ دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ دېلوغا قول تىقىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەرزىنىڭمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بىز دىلبەر توختىنىڭ ئەرز قىلىش جەريانىدىكى ئىشلارنى بىر قەدەر ياخشى بىلىدىغان ھۆكۈمەت تەرەپ خىزمەتچىلىرىدىن دىلبەر توختى تۇرۇشلۇق ئاھالە كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالىمجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ بىزگە مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ساقچىخانىنىڭ سولاقخانىسىدا سوراق جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋەقەسىدىن تازا خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ دىلبەر توختى بىلەن ساقچىخانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەگە قاتناشقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆھبەت جەريانىدا، گەرچە يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ، دىلبەر توختىنى ئېرىنىڭ دېلوسى ئۇستىدىن ئەرز قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپكە ۋاكالىتەن دىلبەر توختىغا ئەرز قىلىشتىن ۋاز كېچىش ھەققىدە خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بىز يەكەن ناھىيىلىك گۈلباغ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغىنىمىزدا، ساقچىخانىدا ئىشلەيدىغان خادىملار ئۆزلىرىنىڭ يېڭىدىن كەلگىنىنى، شۇڭا بۇ دېلودىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلىشتى.
ساقچىخانا باشلىقى ئابلىمىت ئابدۇرىشىت بولسا ئۆزىنىڭ 2007 - يىلى بۇ ئىدارىگە يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىدىن تازا خەۋىرى يوقلۇقىنى، پەقەتلا مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئەينى چاغدا دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۇچۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەمما دىلبەر توختى ۋە مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئانىسى سەمەرخان ئوبۇل خانىم بىزگە، ساقچىلارنىڭ مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ قورسىقىغا تەپكىنى ئۈچۈن ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، ساقچىخانىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۆزلىرىگە مەرھۇم ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغاندىن كېيىن خەۋەر قىلغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان ئىدى.
يەكەن تەۋەسىدە يۈز بەرگەن بۇ دېلو ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بەس - مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، غەزەپلەنگەن كىشىلەر بۇ دىلوغا چېتىشلىق بولغان 2 نەپەر خىتاي ساقچىسىنىڭ قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلغان.