غۇلجىدا قاتار چاي ئويناۋاتقان 30 ئۇيغۇر ئايال تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يەنە بىر سورۇنغا قول ئۇزاتتى: ئۇ بولسىمۇ ئاياللارنىڭ چاي سورۇنى. ئۆتكەن ئاينىڭ 24 ‏ - كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشكۆۋرۈك يېزىسىدا، قاتار چاي ئوينىغان 30 نەپەر ئايال نەق مەيداندا بايقىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن 4 نەپىرىگە 1 ئايلىقتىن قاماق جازاسى، 7 نەپىرىگە 10 كۈنلۈكتىن ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلگەن. "جىنايىتى" يېنىك دەپ قارالغان قالغان 19 نەپەر ئايال شۇ كۈنى 8 سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن.

بىز ئەنە شۇ كۇنكى چاينىڭ ساھىپخانى بولغان راھىلە خانىم بىلەن ئۇنىڭ 30 كۈنلۈك تۈرمە ھاياتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ، بۇ پاجىئەلىك ھېكايە، يەنى پەقەت چاي ئوينىغان 30 نەپەر ئايالنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىەر.

دىققەت: كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا، بۇ 30 نەپەر ئايالنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.