ئالماتادا «ئانا مىراسى» درامىسى ئالقىشقا سازاۋەر بولدى

يېقىندا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق تىياتىرىدا دۈرنەم مەشۇروۋانىڭ «ئانا مىراسى» ناملىق بەدىئىي ئەسىرىنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلگەن درامىسى قويۇلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.02.22
Durnam-Mashurova-305.jpg «بىھۇدە ئۆتمىگەن ھايات» ناملىق ھۆججەتلىك قىسسە ۋە «ئانا مىراسى» رومانىنىڭ ئاپتورى دۈرنەم مەشۈروۋا.
RFA/Oyghan

ئۈچ كۈن مابەينىدە كۆرسىتىلگەن مەزكۇر دراما ئوتتۇرا ئاسىيادا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى پاجىئەلىك سەھىپىلەرنى يورۇتقان بولۇپ، ئۇ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئەسەردە، بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى، قەھرىمانلىقى، ساداقەتلىكى، خەلقنىڭ سۇنماس ئىرادىسى يارقىن ئوبرازلار ھەم چوڭقۇر ئېپىزوتلار ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تىياتىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۈلباھار ناسىروۋا «ئانا مىراسى» درامىسى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئىزھار قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.