گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى 8-مارت ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
2012.03.12
گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەت ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بىلەن د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پائالىيەتكە ئاياللاردىن باشقا يەنە بالىلارمۇ قاتناشتى. ئاياللار كومىتېتى تەرىپىدىن خانىم-قىزلارغا سوۋغىلار تەقدىم قىلىندى.
بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سورۇنغا جەم بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشتەك مىللىي كىملىكىنى قوغداش مەسىلىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم ميۇنخېندا ئېچىلغان ئۇيغۇر بالىلارنى ئۇيغۇر كىملىكى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
بۇ سورۇنغا جەم بولغان بەزى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى. شائىرلار بولسا ئاياللار شەنىگە بېغىشلانغان شېئىرلارنى ئوقۇپ، سورۇن كەيپىياتىنى جانلاندۇردى.