گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى 8-مارت ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاياللىرى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەت ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بىلەن د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پائالىيەتكە ئاياللاردىن باشقا يەنە بالىلارمۇ قاتناشتى. ئاياللار كومىتېتى تەرىپىدىن خانىم-قىزلارغا سوۋغىلار تەقدىم قىلىندى.

germaniye-ayallar-bayrimi1-385.jpg
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى 8-مارت ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. 2012-يىلى 9-مارت، ميۇنخېن. (RFA/Ekrem)

بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سورۇنغا جەم بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشتەك مىللىي كىملىكىنى قوغداش مەسىلىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم ميۇنخېندا ئېچىلغان ئۇيغۇر بالىلارنى ئۇيغۇر كىملىكى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ سورۇنغا جەم بولغان بەزى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى. شائىرلار بولسا ئاياللار شەنىگە بېغىشلانغان شېئىرلارنى ئوقۇپ، سورۇن كەيپىياتىنى جانلاندۇردى.