رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ياشلار ئىپتار زىياپىتىدە جەم بولدى

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە ئىپتار زىياپىتى ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا ياشلار قاتناشتى. ئىپتار قىلىشتىن ئىلگىرى يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. يىغىندا يەنە دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندى رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشتىكى مەقسەت ۋە مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

istanbuldiki-iftar-385.jpg
ئىستانبۇلدىكى ئىپتار ۋە يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 6-ئاۋغۇست. (RFA/Arslan)

ئاخىرىدا قەشقەر ۋە خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى. تۈرمىدە ياتقان ئۇيغۇرلارمۇ دۇئادا ياد ئېتىلدى. كېيىن ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى. ئىپتاردىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تارقالدى.

بىز رامزان ئېيى ۋە روزا تۇتۇش ئىبادىتى توغرىسىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي مۆمىنجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.