قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى نېمە؟
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.10.23
2012.10.23
RFA/Shohret Hoshur
قۇربانلىق قىلىش كەمبەغەل بولسىمۇ ئىقتىسادىي ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان ھەر قانداق مۇسۇلمانغا ۋاجىپ ئىبادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا قۇربانلىق قىلىش زادى قانداق بىر ئىبادەت؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ قۇربانلىق قىلىش ئالدىدا قايسى دۇئا ئوقۇلىدۇ؟ قۇربان قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى قانداق؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن 7 كىتاب 40 ماقالىنىڭ مۇئەللىپى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازاتجان بۇغرا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.