رابىيە قادىر خانىم: مېنىڭ خىسلەتلىرىم مىللىتىمىزنىڭ خىسلەتلىرىدۇر

خىتاي، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ۋەتەن ئىچى - سىرتىدا ھەرخىل ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرىنىڭ يولىنى توسۇشقا، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئاقسىتىشقا تىرىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ھەققىدىكى تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ قاراشلىرىنى ئۈزلۈكسىز بايان قىلىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.04.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Rabiye-xanim-terjimali1-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ "ﺋﻪﺟﺪﻩﺭﻫﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﯜﭼﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.uyghuramerican.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.


ئالدىنقى كۈنى "نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى" دە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى ھەققىدە بىر پارچە تەسىرات ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك خىسلەتلىرى ھەققىدە ئالاھىد توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: رابىيە خانىم، ساپ، ئەقىللىق، چىۋەر، پىداكار، ئىقتىدارلىق ۋە باش ئەگمەس بىر ئايال، بولۇپمۇ قورقماسلىق ئۇنىڭ ئاساسلىق خىسلىتى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، رابىيە خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلغان ئاپتور، خوۋارد فرەنچ، ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ شاڭخەي شۆبىسىنىڭ مۇدىرى. ئۇ تەسىرات ماقالىسىنى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 23 ‏ - ئاپرىل سانىدا ئېلان قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.