" شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى" دېگەن كىتاب نەشر قىلىندى

ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2008.09.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turkistan-fajiesi-kitap-305.jpg ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ " ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
RFA / Arslan

 شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق تەقدىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك تارىخىي كىتابلىرى يوق دىيەرلىك، بولۇپمۇ 20 ‏- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇپ ئۆتكەن قانلىق ۋەقەلەر، مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس ياكى يوق دىيەرلىك.

يېقىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن " شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى" ناملىق تارىخىي كىتاب نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاساسلىقى 1933 ‏- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ۋە كىملەر تەرىپىدىن قانداق ئاغدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي تارىخىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى مەزكۈر تارىخىي كىتابنى ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن يازغانلىقى ئۈچۈن مەزكۈر كىتاب خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلۈشتىن ساقلىنىپ قېلىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۈر كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.