ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مىللىي دەۋادىكى رولى كۈچەيمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.03.07
2012.03.07
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
جەمئىيەتتە ھەم دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنىڭ ئاڭ-سېزىمىغا، بولۇپمۇ سىياسىي سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە كۈچلۈك تەسىر يەتكۈزمەكتە. ئانىلار ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ، كۆپچىلىكتە مىللىي غۇرۇر، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك سېزىملىرىنىمۇ ئويغاتماقتا.
8-مارت خەلقئارا خانىم-قىزلار كۈنى پەقەتلا كۆپچىلىك ئۈچۈن بايراملا ئەمەس، بەلكى ھەم ئۆز خەلقى ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمان ئاياللارنى ياد ئېتىش، شۇنداقلا خەلقى، ۋەتىنى يولىدا ھارماي-تالماي ئەمگەك قىلىۋاتقان ھەم كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان خانىملارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش كۈنىدۇر.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەزاسى ئامىنەم تۇرغۇن ھاجىم قىزى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.