'مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى' ناملىق كىتاب تۈركىيىدە نەشىردىن چىقتى

ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى يازغان "مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

0:00 / 0:00

كىتاب 379 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابدا 1997 - يىلىدىن 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا، بولۇپمۇ نىيو - يورك شەھرىدە خىتاي تىلىدا نەشىر قىلىنغان "دۈنيا گېزىتى" دا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ماقالىلارغا ئورۇن بېرىلگەن.

كىتابنىڭ ئاپتورى سىدىق ھاجى روزىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كىتاب، 1997 - يىلىدىن 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى ئۇقۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولمىغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە بىر ئەسەر ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ئەسەر ھەققىدە ئاپتور بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.