'خىتايلارنىڭ مەقسىدى پۈتۈن مىللەتلەرنى يوقىتىش' ناملىق كىتاب ياپونىيىدە نەشىردىن چىقتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.03.06
2009.03.06
RFA Photo / Erkin Tarim
بۇ كىتابنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەسەر ياپونىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نەشىر قىلىنغان كىتابلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتور ياپون تىلىدا يازغان تۇنجى ئەسەر ئىكەن.
بۇ كىتاب 237 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كتابدا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەت ئاپتورلارنىڭ ئۆز مىللەتلىرىنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، دۇنيادىن شۇنداقلا ياپونىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنغان.
بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۆلۈمىنى يازغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا 1933 - يىلى قەشقەردە، 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدە توختالغان.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى `خىتايلارنىڭ مەقسىدى پۈتۈن مىللەتلەرنى يوقىتىش" ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۆلۈمىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچەكتىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىمۇ بايان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ تاش ۋارىقىغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەرىتىسى قويۇلغان بولۇپ ئۇيغۇر دىيارى ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن كۆرسىتىلگەن.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە بۇ كىتابنى ئېلىشنى خالىغاندا amazon.com ئادرىسىدىن سېتىۋالسا بولىدىكەن. بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورلىىرىدىن بىرى بولغان ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.