ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەكنى ئەكىتىش ئۈچۈن، ئاقسۇدىن بېيجىڭغا جەمئىي 6 كىشى كەلگەن. بۇلاردىن 2 نەپىرى بۈگۈن، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار توپلىشىپ تۇرۇۋاتقان جايغا بېرىپ، ئابدۇرېھىم ئاكا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپ ئابدۇرېھىم ئاكىغا يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتماقتا. ئەمما ئابدۇرېھىم ئاكا ئۇلارنىڭ بۇ يۇمشاق پوزىتسىيىسىنىڭ ۋاقىتلىق بىر چارە ئىكەنلىكىنى، بىر قانچە كۈندىن كېيىن مۇئامىلىسىنى ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەرتىپ، مەجبۇرىي ئېلىپ مېڭىشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.
بىز ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن كۆرۈشكەن ياشلار مەيدانىنىڭ ئەرزىيەت خادىمى ئابدۇللادىن بۈگۈنكى ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
بۇ قېتىم بېيجىڭغا كەلگەنلەر ئارىسىدا ياشلار مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى روزى مەمتىمىنمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئابدۇرېھىم ئاكا قايتىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئەرزىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
