تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئىراقتا سادام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بىرى بۇ كۈنلەردىكىگە ئوخشاش چوڭ نامايىشلار بولۇپ باقمىغان ئىكەن. ئەرەب دۇنياسىدىكى يازغۇچىلاردىن كۆپ سانلىقى ئىراقتىكى ھازىرقى نامايىشلارنى ئىراققا ئەرەب باھارىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى دېگەن مەزمۇنلاردا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان.
ئەمما، ئەرەب دۇنياسىنىڭ سىياسىيونلىرى ئىراقتا تائىپىۋازلىق ئۇرۇشىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. چۈنكى، ئىراق كۆپ دىنلىق ۋە كۆپ مەزھەپلىك بىر دۆلەت بولۇپ، مەزھەپچىلىك ۋە تائىپىۋازلىق توقۇنۇشلىرى پارتلايدىغان بولسا، ئەھۋال سۈرىيىنىڭكىدىنمۇ يامان بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 8-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا، «ئىراققا ئەرەب باھارى باردىمۇ ياكى تائىپىۋازلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سادام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى چۈشكەندىن بىرى ئىراق ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش تائىپىۋازلىق توقۇنۇشى ئىدى. ئەرەب دۇنياسىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى ۋە ئەقىللىق سىياسىيلىرى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى، ئىراقتەك كۆپ دىنلىق ۋە كۆپ مەزھەپلىك بىر دۆلەتتە تائىپىۋازلىق يۈز بەرسە، ئۇنىڭ پالاكىتى ھەرگىز كىچىك بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئىران، ھىزبۇللا ۋە ئەسەد ھاكىمىيەتلىرى قالايمىقاندىن پايدىلىنىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئىراقنىڭ بېشىنى ساق قويمىدى. ئىران ھاكىمىيىتى ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى مالىكىنى ئۆز كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈۋالغاندىن تاشقىرى سۈننىي-شىئە توقۇنۇشلىرىنى ئۇلغايتىپ كەلدى. ھەتتا ئىران ھېچ تەپتارماستىن، ئىراقنىڭ ئۈستىدىن سۈرىيىگە ئەسكەر ۋە قورال-ياراق توشۇدى. نۇرى مالىكى بولسا، بۇنى ئىنكار قىلىپ تۇردى، ئەمما ئىران ئۆز پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋەردى. ئىران، ھىزبۇللاچىلار ۋە ئەسەد ئەرەب باھارىدىن نۇقتىلىق پايدىلىنىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئىشلار ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقماي قالدى، بەرىبىر ئەرەب باھارى غەلىبە قىلىشقا قاراپ مېڭىۋەردى. نەتىجىدە ئىران بىلەن ھىزبۇللاچىلارنىڭ خەلق تەرەپتە ئەمەسلىكى ۋە دېموكراتىيىنى قوللىمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەسەدنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆز خەلقىنى بومبىلاپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى قورال تاشلاشقا چاقىرغان نۇتقى ئۇنىڭ دىكتاتورلۇقىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بەردى.»
ئىراقتا تائىپىۋازلىق باش كۆتۈرسە، قوشنا دۆلەتلەرمۇ ئامان قالمايدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا، «ئىراقتا ئۆزگىرىش بولسا، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى ئەندىشە ئىچىدە قالىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سۈرىيە كرىزىسى ئىككى يىلدىن بىرى ھەل بولماي سۆرىلىپ تۇرغان بۇ پەيتتە، ئىراق مەسىلىسى چىقتى. ئەمما ئىراق مەسىلىسى ھەل بولۇپ، خەلقنىڭ تىلىكى ئورۇندالمىسا، ئەھۋال تولىمۇ يامان بولىدۇ. چۈنكى ئىراق سۈرىيىگە ئوخشىمايدۇ. سۈرىيىدە زىددىيەت ھاكىمىيەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئىراقتا سۈننىي-شىئە توقۇنۇشى ئادەتتىكى توقۇنۇشلارغا ئوخشىمايدۇ. بۇ توقۇنۇش ئىراقتا باشلانسا، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە سەلبىي تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىمۇ سۈننىي-شىئە بىرگە ياشايدۇ. مۇندىن باشقا ھەر قايسى دىن ۋە ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا لىدېرلىرى بار. ئۇلار شۇ لىدېرلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ. ئىراننىڭ ئىراقتا يېتىشتۈرگەن مۇرىتلىرىمۇ كۆپ، نۇرى مالىكى شۇلارنىڭ بىرى. سادام ھۈسەيىن دەۋرىدە ھاكىمىيەت سۈننىيلەرنىڭ قولىدا ئىدى، ئەمدى شىئەلەرنىڭ قولىدا بولۇپ كەلمەكتە. شىئەلەردىن بەزىلىرى تەپرىقىچىلىكنىڭ ئوتىنى يېقىپ ‹ئەمدى ئىراقتا سۈننىيلەرنىڭ دەۋرى تۈگىدى، شىئەنىڭ زامانى باشلاندى› دېگەن شۇئارلارنىمۇ ياڭراتماقتا. ئەگەر سۈننىي-شىئە ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىيىن بولىدۇ، زىيان-زەخمىتىمۇ ئاز بولمايدۇ.»