گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن

تۈنۈگۈن، 5 - ئۆكتەبىر كۈنى، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە 'گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئامېرىكىدا قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن' سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى كرىستاين ياڭ قانۇن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇھەقتە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە 10‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان 'گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن' سەرلەۋھىلىك ماقالە ھەققىدە مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ ئامېرىكىدىكى كرىشتاين ياڭ قانۇن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.