دەسلەپكى ۋاقىتتىلا ئۇنىڭ تەركىبىدە ئون بەش مىڭ ئەسكەر ۋە ئوفىتسېر بولدى، بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. جاي- جايلاردا ئېچىلغان ھەربىي مەكتەپلەر بولسا ئۇنى ئونلىغان، يۈزلىگەن تالانتلىق، قورقۇمسىز كادىرلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلار دۈشمەن بىلەن بولغان جەڭلەردە قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىشقا ئۆزلىرىنىڭ زور ھەسسىسىنى قوشتى.
مانا شۇنىڭدىن بۇيان ئاتمىش يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتسىمۇ، ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قالقان قىلغان شەخسلەرنىڭ شۇ ئۇنتۇلماس كۈنلەر ھەققىدىكى ھېكايىلىرى كېيىنكى ئەۋلادلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېس-تۇيغۇ ھاسىل قىلماقتا.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىسى، غۇلجىدا ئۆتكەن دەسلەپكى ھەربىي پاراتقا قاتناشقان، ھازىر بولسا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ھامۇتغۇجا ئاكا ئەخمەتۇللايېف مىللىي ئارمىيىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.
