مەرىپەتپەرۋەر زات ئىمىنجان باۋۇدۇننىڭ ئىلى تارىخى كىتابى نەشرگە بېرىلدى

ئىلى تەۋەسىدە جامائەتكە كەڭ تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر زات ئىمىنجان باۋۇدۇن ئەينى چاغدا خۇنخاي مازار رايونىدا دەسلەپ پەننىي مەكتەپ ئېچىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا جان كۆيدۈرۈپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ ئىگىلىگەن بىلىمى ۋە كۆرگەن ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن ئىلى تارىخىغا ئائىت تارىخ كىتابىنى يېزىپ، پەرزەنتلىرىگە بۇ كىتابنى ئەخمەتجان قاسىمغا تەقدىم قىلىشنى ۋەسىيەت قالدۇرغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام
2012.12.31
ghulja-xerite-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئورنى.
RFA

ئەنە شۇ كىتابنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئىمىنجان باۋۇدۇننىڭ نەۋرىسى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىداتى ئەكبەرجان باۋۇدۇن بۈگۈنكى كۈندە بوۋىسىنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.