پېشقەدەم تارىخىي شاھىد ۋە يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئۆز ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ، سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىي ھاياتى ھەمدە نېمە سەۋەبتىن پۈتۈن ئىجادىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەش تارىخىغا بېغىشلىغانلىقى شۇنىڭدەك تارىخىي مۇساپىلەر جەريانىدا توپلىغان ئۆز تەجرىبىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-01-01
Share
Mesumjan-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﻫﯩﺪ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻧﻰ ﻣﻪﺳﯜﻣﺠﺎﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻭﻑ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA File

بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى ئۈچ توملۇق "سەرراپ"، ئىككى توملۇق  "يانار تاغلار"، شۇنىڭدەك بىر توملۇق "لۇتفۇللا مۇتەللىپ" ناملىق  تارىخىي رومانلارنى ۋە كۆپلىگەن شېئىر-داستان، دراما ئەسەرلىرىنى ھەمدە بىر قىسىم ئىلمىي كىتابلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت