قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر شائىرى مۇھەممەت سىدىق نورۇزۇفنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى خاتىرىلەندى
2012.11.28
ئۇيغۇر شائىرى مۇھەممەت سىدىق نورۇزۇف ئۆزىنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتى بىلەن قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تونۇلغان شائىر بولۇپ، 1993-يىلى ۋاپات بولغان ئىدى. يېقىندا شائىرنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستاندا ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى خاتىرىلەندى.
مۇھەممەت سىدىق نورۇزۇف شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىلا شېئىرى ئىجادىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، 50-يىللاردا ئۆزىنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان. 1957-1958-يىللىرىدىكى ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىدە شائىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «جاۋاب» ناملىق شېئىرلار توپلىمى سەۋەبىدىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا ئەۋەتىلگەن. شائىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1961-يىلى ئائىلىسى بىلەن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ شېئىرى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، قىرغىزىستاندا شائىرنىڭ «ئاق بۇلۇتلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.