ئالماتادا ئاتاقلىق ناخشىچى مۇرات ناسىروف خاتىرىلەندى

19-يانۋاردا ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسى قەبرىستانلىقىدا قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى مۇرات ناسىروفنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.01.21
murat-nasirof-305.jpg سولدىن ئونغا: ئاكىسى نىجات ناسىروف، مۇرات ناسىروف ۋە بىر تۇغقان ئاكىسى ئەنۋەر ھاجىيەف. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Oyghan

مەرھۇمغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن سۆزگە چىققۇچىلار م.ناسىروفنىڭ ئىجادى، قابىلىيىتى ھەم ئۇنىڭ بولۇپمۇ ھەر مىللەت ياشلىرى ئارىسىدا تۇتقان ئورنىغا مۇناسىپ باھاسىنى بەردى. ناخشىچىنىڭ پاجىئەلىك ۋاپاتىدىن كېيىن يەتتە يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنلىرى قۇرئان ئوقۇپ، ئۇنى ئەسلەش ئادەتكە ئايلانغان.

مۇرات ئىسمائىل ئوغلى ناسىروف 1969-يىلى 13-دېكابىردا ئالماتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 111-ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ھەربىي سەپكە چاقىرتىلغان. مۇراتنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى، بولۇپمۇ ئەنە شۇ ھەربىي سەپتە خىزمەت قىلغان يىللىرى باشلاندى. ئارمىيە سېپىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇ موسكۋادىكى گنېسىن نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1991-يىلى يالتا شەھىرىدە ئۆتكەن ئىجادىيەت كۆرۈكىدە ئۇ بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرى تەرىپىدىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن ئىدى. 1991-يىلى ناخشىچىنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىنىڭ توپلىمى يورۇق كۆردى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم رۇسىيە سەنئەت ئۇيۇشمىلىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان كۆرۈكلەرنىڭ مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. 1999-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئىنگلىز تىلىدىمۇ ياڭرىغان. 2004-يىلى بولسا، م. ناسىروف ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى «قالدىم يالغۇز» ناملىق دەسلەپكى توپلىمىنى تاماملىغان.

م.ناسىروف 2007-يىلنىڭ 19-يانۋاردىن 20-يانۋارغا ئۆتكەن كېچىسى موسكۋادا پاجىئەلىك ۋاپات بولغان. مۇشۇ كۈنگىچە ناخشىچىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ ئېنىقلانمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان م. ناسىروفنىڭ يېقىن دوستى ۋە كەسىپدىشى پولات ھېزىموف مەرھۇمنى ئەسلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.