تۈركىيە قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەھمەت ئۆزھاسېكى بىلەن سۆھبەت

قەيسەرى ۋىلايىتى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيىدە ئۇيغۇر مەھەللىسى بار بولغان بىردىن ‏- بىر شەھەر. 1960 - يىللاردا بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان 200 ئائىلە ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى نامىدا تەشكىلات قۇرۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ شەھەرنىڭ باشلىقى مەھمەت ئۆزھاسېكى ئەپەندى بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، شەھەر باشلىقى بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلماقتا.

مەھمەت ئۆزھاسېكى ئەپەندى يېقىندا، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇر مەھەللىسىگە كېلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىپتار تامىقى يېدى.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.