بۇ كىتاب تۈركىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، يېقىندا 69-نەشرى كۆرە نەشرىياتى تەرىپىدىن بېسىلىپ تارقىتىلدى.
بۇ كىتاب 5 قىسىم ۋە 5 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئىستراتېگىيە نەزەرىيىسىنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقى، تارىخى مىراس ۋە تۈركىيىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى، ئاسىياغا ئېچىلغان ئىشىك ۋە كافكازلىقلار، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى ۋە تۈركىيىنىڭ سىياسىتى، ئاسىيا ۋە ئافرىقا مۇناسىۋىتى، ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا، جەنۇبىي، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيا ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى قىتئەلەر ئارا تاشقى سىياسەت ۋاسىتىلىرى، يەر شارى كۈچلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرق دېگەندەك مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي ۋەزىيىتى ھەم تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدىمۇ مەخسۇس بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئائىت ياۋرو-ئاسىيا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى، ئىستراتېگىيە جەھەتتە تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، يەر شارى كۈچلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاسىيادىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئاسىيادىكى رايونلۇق خاراكتېرلىك كۈچلەر دېگەندەك بىر قاتار تېمىلار بېغىشلانغان.
مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلى بۇ كىتابنى مىنىستىر بولۇشتىن ئىلگىرى يازغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تېمىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ كىتابتا مىنىستىر ئەخمەت داۋۇت ئوغلى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئوچۇق يازغان ۋە يەنە ئۇ كىتابتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىۋاتقانلىقى يېزىلغان.
داۋۇت ئوغلۇ «ئىستراتېگىيىلىك چوڭقۇرلۇق ۋە تۈركىيىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى» دېگەن كىتابىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا سەھنىدە پات-پات تىلغا ئېلىنغان ئىككى مۇھىم مەسىلە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەنە بىرى تىبەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى يازغان.
كىتابتا خەلقئارا سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىستان مەسىلىلىرىنىڭ خىتاينى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل رايونلىرىدىكى ئاجىزلىقلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى يېزىلغان.
بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى نەشرى 2001-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ 30-نەشرى 2009-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاب تۈركىيىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە كۆپ سېتىلغان كىتاب بولۇپ يېقىندا 69-نەشرى كۆرە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. بۇ كىتاب يەنە يۇنان ۋە ئەرەب تىللىرىدا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.
بۇ قانداق كىتاب؟ نېمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەر يېزىلغان؟ ئەخمەت داۋۇتئوغلى تاشقى ئىشلار مىنىستىر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە مىنىستىر بولغاندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوخشىمايدىغان قانداق پەرقلەر بولدى؟ تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىستراتېگىيىلىك بىر تاشقى سىياسىتى بارمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.