0:00 / 0:00
مەمەت ئەيسا ئەپەندى زاۋۇتىدا ئاياللارنىڭ ئۇخلاش كىيىملىرى ۋە ئىچ كىيىملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىپ ساتماقتا. ئۇ، دەسلەپتە بىرقانچە يۈز دوللار بىلەن تىجارەت باشلىغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ زاۋۇتىدا 200 ئەتراپىدا ئىشچى ئىشلىمەكتە.
يىپەك يولى توقۇمچىلىق زاۋۇتىدا "ئارتۇش" ماركىسى بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان ئىچ كىيىملەر تۈركىيىدە بەلگىلىك دەرىجىدە تونۇلغان بولۇپ، مەمەت ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر "ئارتۇش" ماركىلىق ئاياللار ئىچ كىيىملىرىنى دۇنيادا تونۇلغان ماركا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنداقتا، ئۇ قانداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلەپ زاۋۇت ئىگىسى بولالىدى؟ بۇ ھەقتە بىز مەمەت ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
