ئۇيغۇرلار: يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق «تۆھپىكار باغۋەن، ئوت يۈرەك قەلەمكەش، ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ئوغلانى» ئىدى

تۆھپىكار باغۋەن، ئوت يۈرەك قەلەمكەش، ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ئوغلانى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 10-ئىيۇن كۈنى 53 يېشىدا بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشتى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.06.13
yarmuhemmed-tahir-305.jpg يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى. (1958-2012)
Photo: RFA

قابىل پېداگوگ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، قۇداداغۇبىلىكشۇناس، 20 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ ساھىبى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر يازغۇچىسى، يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ 10-ئىيۇن كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە ۋە رادىئومىزدا تارقىتىلغاندىن بۇيان، بۇ قايغۇلۇق خەۋەر ئۇيغۇر ئېلىدە زور تەسىر ھەم غۇلغۇلا قوزغاپلا قالماي، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىي يازغۇچىلىرى ھەم مەرھۇم ئۇستازنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈردى.

پروگراممىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن، ۋىجدانلىق قەلەم ئىگىسى مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا قىسقىغىنە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 1958-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1997-يىلى مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتچىلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى سىڭدۈردى، دېگەن بوھتانلارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىستېپا بېرىپ، ئەركىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا»، «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»، «قائىدە يوسۇنلار»، «ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت»، «ھايات بوسۇغىدا» ۋە «بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرى بولۇپ، پەلسەپىۋىيىلىكى يۇقىرى بولغان 20 دىن ئارتۇق جامائەتكە تونۇشلۇق كىتابلىرى بار. بولۇپمۇ مەرھۇمنىڭ قۇدادغۇبىلىكشۇناسلىقتىكى تۆھپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ يەنە «قوتادغۇبىلىك» نى رومانلاشتۇرۇپ ئىشلەپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان ئىدى.

يېقىنقى يىللاردا مەرھۇم جىگەر راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، خوتەندە داۋالىنىش جەريانىدا 10-ئىيۇن كۈنى 53 يېشىدا بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقات ساھەسى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ مەخسۇس ئەسلىمە ۋە مەرسىيىلەر ئېلان قىلىنماقتا، يەنە ئۇنىڭ ھايات چېغىدا ئۇچرىغان ئازاب ئوقۇبەتلىرى ھەقسىزلىقلىرى كىشىلەردە غۇلغۇلا ھەم چوڭ تەسىر قوزغىدى.

يارمۇھەممەد تاھىرنىڭ ھاياتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا مەرھۇمنىڭ جىگەر راكى كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىقى، داۋالىنىش ئۈچۈن بىر قانچە يۈز مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر جەمئىيەتكە تارالغاندىن كېيىن، ئۇنى بىلىدىغان سادىق ئوقۇرمەنلىرى، ئۇنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا ئاتاپ ئىئانە توپلاش پىكرى بولغان. ئەمما مەرھۇم «مەن ئىئانە قوبۇل قىلمايمەن، داۋالىنىش توغرا كەلسە، پەقەت ئەمگەك مېۋىلىرىمنىڭ ھەققىگە داۋالىنىمەن» دەپ رەت قىلغان ئىكەن. ئۇنى سۆيىدىغان خەلق مەرھۇمنىڭ بۇ ئارزۇسىغا لايىق ھالدا ئۇنىڭ كىتابلىرىنى سېتىۋېلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش ئامالىنى ئويلاپ تېپىپ، يارمۇھەممەد تاھىرنىڭ كىتابلىرىنى سېتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئەمما بۇمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، بەزى ئاكتىپلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ خىل كىتاب سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئۆزىنى مەرھۇمنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى، دەپ تونۇشتۇرغان بىر ياش بايان قىلىپ بەردى.

ئالىمنى قەدىرلەشنى بىلگەن ئۇيغۇرلار مەرھۇمنىڭ تۆھپىلىرىنى، ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ. ئۇنىڭ كىتابلىرىنى قەدىرلەپ ساقلايدۇ ئەلۋەتتە. خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى رەئىسى قەيسەر ئوزھۇن ئەپەندى يارمۇھەممەدكە خەلقئارادىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر نامىدىن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ مەرھۇمنى «ئۇستاز يارمۇھەممەد ھەقىقىي يازغۇچىلارغا خاس مىللىتىگە بولغان بۇرچ تۇيغۇسى، پاك ۋىجدانى، ئادىمىيلىك ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن بىزگە ھەقىقەتەن بايراقدار ئىدى» دەپ ئەسلىدى.

مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋاپاتى ھەققىدىكى مەزكۇر پروگراممىمىزدا ئاساسلىق مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئەمگەك مېۋىلىرى ھەققىدە توختالدۇق. كېلەركى پروگراممىمىزدا ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە سەپداشلىرىدىن ئۇنىڭ يېتۈك پىشقان بىر پېداگوگ، ئىرادىلىك ۋە جاسارەتلىك، ۋىجدانلىق بىر ئۇيغۇر ئوغلانى ئىكەنلىكى ھەمدە ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ھەققىدىكى باھالار ھەققىدە تەييارلانغان پروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.