خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «يۈز كۈنلۈك ھەرىكەت» نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.08.26

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) نازارىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يېقىنقى «يۈز كۈنلۈك ھەركەت» نىڭ نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى «يۈز كۈنلۈك ھەركەت» تە جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش مۇھىم نىشان قىلىنغان. بۇ جەرياندا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى بويىچە تۆت مىليون قېتىمدىن كۆپرەك ساقچى كۈچلىرى ئىشقا سېلىنغان. خەلق ئاممىسىدىن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەنلەرمۇ تۆت مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. بۇ جەرياندا 20 مىڭدىن كۆپرەك جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 40 مىليون سومدىن كۆپرەك ھارام مال قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ قېتىمقى ساقچىلارنىڭ زەربە بېرىش ھەركىتىدە بىر قىسىم جىنايى ئىشلارغا دائىر دېلولارنىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى زەربە بېرىشتە يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ۋاستىلىرىنىڭ ھەمدە «خەلق ئاممىسىنىڭ ماسلىشىشى» نىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 20 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى كۈچلىرىگە ئاجراتقان خامچوتىنى تەتقىق قىلىپ چىققان مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتۇر ئادريان زېنز 2018-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىخەتەرلىك خىراجىتىنىڭ 92 پىرسەنت ئاشۇرۇلۇپ 58 مىليارد سوم (توققۇز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن) غا يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ‹قاتتىق زەربەر بېرىش› ياكى ‹ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش› دېگەندەك ناملاردا غايەت زور تۇتقۇننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلمەكتە» دېگەن ئىدى.

نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق «يۈز كۈنلۈك ھەركەت» نىڭمۇ ئاشۇ خىلدىكى تۇتقۇننىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.