ئامېرىكىدا بۈگۈن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتون، نيۇيورك ۋە پېنسىلۋانىيە شتاتىدا مۇراسىم بىلەن خاتىرىلەندى. 11-سېنتەبىر كۈنى ئەلقائىدە تېررور تەشكىلاتى سادىر قىلغان ھۇجۇمدا 3000 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
بۈگۈن ئەتىگەن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، ئەينى چاغدا نيۇيورك شەھىرىدىكى دۇنيا تىجارەت مەركىزىنىڭ قوشماق بىنالىرىغا ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان ۋاقىت بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنى ئەتىگەن سائەت 8:35 مىنۇت ئۆتكەندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ روھى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلۇپ، تەزىيە بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەنە، ئامېرىكىنىڭ 5 بۇرجەكلىك بىناسى پەنتاگونغا قىلىنغان ھۇجۇم جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىر ئارىغا كەلدى ۋە «كېلەچىكى قولىدىن تارتىۋېلىنغان بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ ھەسرىتى ھېلىھەم يۈرىكىمىزدە» دېدى.
11-سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ سىياسىتىدە زور داۋالغۇش ھاسىل قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغانلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىردىن كېيىن قوزغالغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى تېررورلۇق كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 11-سېنتەبىرنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دۆلەت تېررورى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى.