رابىيە قادىر خانىم مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرىغا قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.21

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان ۋە مالايشىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەخمەت زاھىدقا ئوچۇق مەكتۇپ يازغان.

ئوچۇق خەتتە ئەخمەت زاھىدنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قىلغان 11 ئۇيغۇرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا ئائىت سۆزلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئەگەر خىتاينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش تۇتۇلسا، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى تېررورچى دەپ قاراشقا توغرا كېلىدىغانلىقى، تىنچلىق يولى بىلەن مەسىلە ئوتتۇرىغا قويغان پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭمۇ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. باياناتتا يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشىلا ئەمەس، بەلكى تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭمۇ، جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن چېگرادىن قېچىشىنىڭمۇ «تېررورلۇق» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ۋەزىيەتنىڭ مەزكۇر 11 ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ ئايدىڭلاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئىلگىرى كامبودژا ۋە تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر جازالانغانلىقى ۋە بىر قىسمىنىڭ ئىز-دېرەكسىزلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىگە قارار بېرىشتە بۇ 11 ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇلار سەۋەبلىك پالاكەتچىلىككە يولۇقىدىغان ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئات ھەم دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى جىددىي ئويلىشىشقا دەۋەت قىلىنغان.

رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە مالايشىياغا ھەرخىل مەنپەئەتلەر ھەققىدە ۋەدە بېرىدىغانلىقى، ئەمما مالايشىيا خەلقىنىڭ 11 ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى بەدىلىگە كەلگەن بۇنداق مەنپەئەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى مالايشىيا خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە شان-شەرىپىگە ئۇيغۇن قارار بېرىشكە، زالىمغا بويۇن ئەگمەسلىك ۋە زۇلۇمغا شېرىك بولماسلىققا دەۋەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ئوچۇق خېتىنى دۈشەنبە كۈنى مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرىغا يوللىغان ۋە بۈگۈن خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.