ئۇيغۇر رايونىدا كېرىيەلىك يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن باشلانغان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتا ئوچۇق خەتلەر ئىلگىرىكى چاقىرىقنامە شەكلىدىن ۋەدىنامە شەكلىگە قاراپ ئۆزگەرمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوبۇلقاسىم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەگەشكۈچىلەر، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاتالمىش ئەۋزەللىكلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە شەرتسىز بويسۇنۇشقا چاقىرىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى ۋە شىنجاڭ گېزىتىدىكى ئوچۇق خەتلەردە، تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ خىل كۈچلەرگە قانداق قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئابلىكىم ئېزىز «دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ مەيلى قانداق شەكىلدە نىقابلىنىۋېلىشى، قانداق بايراقنى كۆتۈرۈۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ئۇنى قەتئىي پاش قىلىمەن، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ئۇنى قەتئىي توسىمەن» دېگەن بولسا، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۈرئەت مەمتىمىن: «ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۇلارغا ھەر قانداق مەۋجۇتلۇق بوشلۇقى ۋە ياشاش تۇپرىقى قالدۇرماي، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن تۆھپە قوشىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئوچۇق خەت يېزىشقا بارغانسېرى قاتتىق زورلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە ۋە بۇ ۋەدىنامىلەرنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغا قارىتا ئىشەنچىسىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقلۇقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قاراشماقتا.