ئامېرىكانىڭ 4-ئىيۇلدىكى مۇستەقىللىق كۈنىدە دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچى نامايان قىلىندى

4-ئىيۇلدىكى ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدە مىليونلىغان ئامېرىكا خەلقى ۋاشىنگتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىغا يىغىلىپ، ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 243-يىلىنى تەبرىكلىدى. كەچقۇرۇن پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئېتىلغان ساليوتلار كېچە ئاسمىنىنى بېزىدى.

شۇ كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىدا «ئامېرىكاغا ئېھتىرام» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە بىر كۈندە بىز پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئامېرىكاغا ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتىمىز. بىز بۈگۈن شانلىق تارىخىمىزنى، ئامېرىكا خەلقىنى ۋە بايرىقىمىزنى شەرەپ بىلەن قوغدىغان قەھرىمانلىرىمىزنى تەبرىكلەۋاتىمىز.»

بۇ يىلقى مۇستەقىللىق كۈنىدىكى مۇراسىمدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر يېڭىلىق قوشۇلغان. يەنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق بوباردىمانچى ئايروپىلانلار بىلەن كۈرەشچى ئايروپىلانلار ۋاشىنگتون ئاسمىنىدا ئۇچۇپ ئۆز ھەيۋىسىنى نامايان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدىكى بۇ ھەربىي پارات مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىماقتا.