كانادا 1989 -يىلىدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىگە ئالاقىدار بەزى ئارخىپلارنى ئاشكارىلىدى
2015.01.28
كانادا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى 1989-يىلى تيەنئەنمىن ھەرىكىتىنى باستۇرغان مەزگىلدە ئوتتاۋاغا يوللىغان بەزى دىپلوماتىك ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى. بەزى ئارخىپلاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ھەيران قالارلىق چېرىكلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئارخىپلارنىڭ بىرىدە، كومپارتىيە سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق شۋېتسارىيە باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، شۋېتسارىيەگە پۇل يۆتكەشنى سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «شۋېتسارىيە باش ئەلچىسى مۇكەممەل خىتايشۇناس. ئۇ يېقىندا بىزگە شۇنى ئاشكارىلىدى، كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى باش ئەلچى بىلەن كۆرۈشۈپ، شۋېتسارىيە بانكىسىغا زور مىقداردا مەبلەغ يۆتكەشنى سۆزلەشكەن. باش ئەلچى بىزگە ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئۇچۇرنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇشىمىزنى تاپىلىدى.»
ئەلچىخانا 1989-يىلى 15-ئىيۇن يوللىغان ئارخىپلارنىڭ بىرىدە، «بۇ دۆلەتنى ھازىر بىر ئوچۇم رەزىل قېرى گېنېراللار كونترول قىلىۋالدى. ھۆكۈمەتنى بۇيرۇققا قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىدىغان كىشىلەر يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا ۋەزىيەت ناھايىتى ئوسال»دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە قانچىلىك ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىزچىل سىر تۇتۇپ كەلدى. بۇ يىل ئۇنىڭغا 26 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئاقلايدىغانلىقىدىن ھېچقانداق بېشارەت يوق.