«5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىقى ھارپىسىدا خەلقئارا جامائەت ھەققانىيەتكە ھەمدەملىشىشكە چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.07.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىق خاتىرىسى ھارپىسىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە، شۇ ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا چاقىردى.

2-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى تىنچ شەكىلدە نامايىشقا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئوق چىقارغانلىقى، بۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزاملىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە شۇ ۋەقەدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئىزچىل ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلمەتتىن قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە ئون يىلدىن بۇيان سورىقى بولماي كەلگەن زورلۇق قۇربانلىرىنىڭ ئادالەتكە مۇيەسسەر بولۇش ھەققىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارانىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق سودا ئىشلىرىدا شېرىك بولۇشىغا ئەمدى ھېچقانداق باھانە قالمىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر «شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى شەرتسىز تاقاش»، «ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ياردەملەردە بولغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە چەتئەل شىركەتلىرىگە جازا قوللىنىش»، «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى تېزلەشتۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىش» قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.