تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-نويابىر كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى «توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش» دېگەن جىنايەت بىلەن 24-تۈركۈمدە يەنە ئالتە تىپىك دېلونى بىر تەرەپ قىلغان.
خەۋەردە دېلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تور سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەمدە ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تەرغىب قىلغانلىقى، ساقلاپ تارقاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ 6 تىپىك دېلو بويىچە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر، بىر نەپەر قازاق ۋە 4 نەپەر خىتاي جازالانغان. ئاتۇش ۋە قەشقەر قاغىلىق ناھىيەلىرىدىن بولغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ياشلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 26 ياش ۋە 33 ياش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى «ئالاقە تورى ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن ھۆججىتىنى چۈشۈرگەن ۋە ئاڭلىغان، دىنى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرغىب قىلىنغان ئېلېكترونلۇق كىتابنى چۈشۈرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن قارىلانغان.
خەۋەردە يەنە سانجى شەھىرىدىن جاڭ فامىلىلىك خىتاي كىشىنىڭ «ئۈندىدار توپى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىپ، چاتاق چىقىرىشقا قۇترىتىپ، جەمئىيەت ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ يۇقىرىدىكى خەۋىرىدە يەنە مۇنۇلار ئەسكەرتىلگەن: «ئالاقە تورىدا زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە چېتىلىدىغان ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال-ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساشنى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلەر ھەمدە ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ».
يۇقىرىدىكى خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ياردىمى ئارقىلىق مۇتلەق كونترولنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرغا قاماشتىمۇ ئۇلارنىڭ ئۈندىدار قاتارلىق تور-ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى يوللانمىلىرى ۋە تېلېفون ئالاقىلىرى قاتارلىقلارنى باھانە قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.