ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى دىكتاتۇر ھاكىمىيەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر ئورتاق خىتاپنامە ئىمزالىغان. «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش پرىنسىپلىرى خىتاپنامىسى» ناملىق بۇ ھۆججەتتە دىكتاتۇر ھاكىمىيەتلەرنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش، قورقۇتۇش ۋە باشقا ۋەھشى ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ، چەت ئەللەردىكى سۈرگۈن توپلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارشى تۇرۇشتا تېخىمۇ چوڭ تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكادىكى نۇپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ 30-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىتاپنامىغا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، كوسوۋو، لاتۋىيە، لېتۋا، سلوۋاكىيە، قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئىمزا قويغان.
بۇ خىتاپنامىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە تۇتۇش، تېلېفوندا قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق يوللار بىلەن كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۇچراۋاتقان كۈلپەت ياكى لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىشىغا كاشىلا قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداشتا تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىمزالىنىشى، دىققەت قوزغىدى. «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاپنامىگە ئىمزا قويغان ھۆكۈمەتلەر «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «جىددىي دىققەت قوزغاش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ «جازاسىز قالماسلىقىغا، بۇنىڭغا قارشى بەرداشلىق بېرىش كۈچى تەشكىل قىلىشقا، شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش» قا ۋەدە بەرگەن.
لېكىن يوقىرىقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداشتا كونكىرېت قانداق تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئەرەب دۇنياسىدا ھامان دېموكراتىيە»، «خوڭكوڭ دېموكراتىيە كېڭىشى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»، «ئوتتۇرا-شەرق دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى» ۋە «ئەركىنلىك سارىيى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 تەشكىلات «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇشنى ماسلاستۇرۇش گۇرۇپپىسى» تەشكىللىگەن.