رويتېرس ئاگېنتلىقى: «شى جىنپىڭ بىر قېتىملىق نۇتقىدا ‹ساداقەت› سۆزىنى يەتتە قېتىم تىلغا ئالدى»

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يىلنى ئىنتايىن نازۇك بىر يىل دەپ قاراۋاتقانلىقى ۋە ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئىچىدە تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقى، دالاي لامانىڭ تىبەتتىن ئايرىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى قاتارلىق چوڭ خاتىرە كۈنلەر تەڭ كەلگەچكە خىتايدا كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە خەۋپ يېتىدىغان بىرەر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىكەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، شى جىنپىڭ 1‏-مارت كۈنى مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا رەھبىرى كادىرلارنى خاتا ئىدىيەلەردىن ئۇزاق تۇرۇش، قالايمىقانچىلىقلارغا قارىتا ھوشيار بولۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ پارتىيەگە بولغان «ساداقىتى» نىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ شۇ قېتىملىق نۇتقىدا «ساداقەتمەن بولۇش» دېگەن سۆزنى يەتتە قېتىم تەكرارلىغان.

بۇ ھەقتە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا پىكىر بايان قىلغان ئاسىيا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى دۇنكان ئىننېس خىتايدا نۆۋەتتە ئاساسى قاتلاملاردا پارتىيەگە بويسۇنماسلىق، ئىقتىسادىي سەۋىيەسى ياخشىلانغانلار ئارىسىدا سىياسىي ئىسلاھات تەلەپ قىلىش، دۆلەت بويىچە ئىقتىسادىي يۈكسىلىشىشتە ئاستىلىشىش كۆرۈلۈش قاتارلىق ھادىسىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھەرقانداق بىر دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەزكۇر مۇتەخەسسىس ھەممىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئارزۇسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەكشەنبە كۈنىدىكى ئىنگلىزچە بىر ئوبزورىدا خىتاينىڭ غەربچە دېموكراتىيەنى 100 يىل بۇرۇن بىلگەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ خىتايدا ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى ئۇزۇن ئۆتمەي تونۇپ يەتكەنلىكى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەندىزىسىدىن چەتنىمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.