سابىق گومىنداڭ پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇللا تىمەن ۋاپات بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.15

ئۇزۇن يىلدىن بېرى تەيۋەندە ياشاۋاتقان سابىق گومىنداڭ پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇللا تىمەن بۇ يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تەيۋەندە 102 يېشىدا ۋاپات بولغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئابدۇللا تىمەن 1919-يىل 4-ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان. سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مائارىپ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ قىزلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان؛ «شىنجاڭ گېزىتى» دە تەھرىر، «تيانشان نەشرىياتى» دا باش تەھرىر، «شىنجاڭ ئالتاي نەشرىياتى» دا مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى بولغان؛  1948-يىل جۇڭخۇا مىنگو قانۇن تۈزۈش كومىتېتى (بۇ كومىتېت كېيىن تەيۋەن پارلامېنتى بولۇپ شەكىللەنگەن) نىڭ ئەزاسى بولغان.

ئابدۇللا تىمەن خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن تەيۋەنگە كۆچۈپ بېرىپ، تەيۋەن سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتى چېگرا سىياسىتى فاكۇلتېتىدا پروفېسسور بولغان؛  1957-يىل گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 1969-يىل گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1992-يىل ئۇ خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپى بىلەن ئايالى ۋە قىزىنى ئېلىپ، ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ كۇيتۇننى زىيارەت قىلغان.

ئابدۇللا تىمەن تەيۋەندە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەزگىلدە يەنە «دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» نىڭ كېڭەش باشلىقى، خىتاي-تۈركىيە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى، خىتاي-ئەرەب مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، تەيۋەن ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئابدۇللا تىمەن ھاياتىدا سىياسەت بىلەنلا ئەمەس، شېئىر يېزىش بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، «ئاق-قارا»، «سەرخۇشلۇق»، «مېنى يالغۇز دېمەڭ ھەرگىز» قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. ئۇنىڭ قىزى يۇلتۇز ئابدۇللا ئەدەبىيات ۋە فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى بولۇپ، مالايشىيادا خىتايچە ئەسەر يېزىپ تونۇلغان داڭلىق يازغۇچى ۋە ناتىق ئىكەن.     

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.