تۈركىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شەرتلىك قويۇپ بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-03
Share

ئىككى يېرىم يىلدىن بېرى تۈركىيە ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان 3‏-ماي كۈنى تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن. ئابدۇقادىر ياپچان بۇنىڭدىن 2 يېرىم يىل ئاۋۋال خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ ئەرز قىلىشى بىلەن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇلغارىيە چېگراسىدىكى ئەدىرنە كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى. ئابدۇقادىر ياپقان بۇ 2 يېرىم يىل جەريانىدا ئاز دېگەندە 3 قېتىم سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان. بىرىنچى قېتىملىق سوتتا ئۇ گۇناھسىز، دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ئىزچىل ئارقىغا سۈرۈپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 2 يېرىم يىلدىن بېرى ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇلۇشى پەقەت سىياسىي قارار بولۇپ، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

تۈركىيەدىكى «ئەينەك تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىستانبۇلدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 3‏-ماي كۈنى ئۇنىڭ شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشىنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭ سوتىنى 9‏-ئايغا كېچىكتۈرگەن. سوتنىڭ قارارىدا، ئۇنىڭ شۇنىڭغىچە ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدىكى مەھەللىسى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلسا بولىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ سىرتىغا چىقسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئابدۇقادىر ياپقان 3-ماي كۈنى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ئارتقان «جىنايەتلىرى» نى رەت قىلغان. ئۇ «ھەقىقەتكە كۈچ ۋە قورالنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقى. . . . . . . . . ھەققانىيەتنىڭ ھامىنى غەلىبە قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت