خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قىشلىق ياردەم بۇيۇملىرى» ئافغانىستانغا توشۇلۇشقا باشلىدى
2021.11.24
ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن بىر زور ئۆزگىرىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا سىقىلىپ كىرىشى بولغان ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە «قىشلىق ياردەم» ئۈچۈن تەييارلىغان بۇيۇملىرىنى ئافغانىستانغا توشۇلۇشقا باشلىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 24-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 22-نويابىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «دۆلىتىمىزنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە ئەۋەتكەن ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان ئۈچىنچى يۈك پويېزى يولغا چىقتى» دېگەن. خەۋەردە بۇ «ياردەم بۇيۇملىرى» نىڭ قىشلىق كىيىم-كېچەك، گىلەم ۋە كىگىز، نان ۋە سۈت تالقىنى قاتارلىق نەرسىلەر ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئافغانىستان خەلقى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقاندا، بىز ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىۋاتىمىز» دېگەن.
ھالبۇكى، بىر قىسىم خەلقئارالىق مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئامېرىكا بۇ جايدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنماقتا» دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە كېلىپ يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ناۋايلارنى پۈتۈنلەي بىر جايغا توپلاپ، ئۇلارنى مىليونلاپ نان يېقىشقا تەشكىللەۋاتقانلىقى، بۇ نانلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەلۇم بولغان ئىدى.