رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جۇ شىفېڭ «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن جۇ شىفېڭ بېيجىڭدىكى «فېڭرۇي ئادۋوكاتلىق شېركىتى»نىڭ دېرىكتورى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 300 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە جۇ شىفېڭنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دېلولارنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغانلىقىنى، ئىنتېرنېت تورىدا ۋە سىرتتا «ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش» توغرىلىق سۆز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
جۇ شىفېڭنىڭ ئادۋوكاتلىق شېركىتى نۇرغۇن مۇھىم دېلولارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر جۇ شىفېڭنى «نارازىلىق نامايىشلىرىنى تەشكىللەپ، دېلولارنى سىياسىيلاشتۇرغان ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرى توپلاشقا ئۇرۇنغان» دەپ ئەيىبلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، جۇ شىفېڭ ئۆزىنىڭ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى ئالدىنقى كۈنىلا جۇ شىفېڭنىڭ ئادۋوكاتلىق شېركىتىدە ئىشلەيدىغان ۋە يەنە شۇ ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلاردىن بىرى بولغان ۋاڭ يۈنىڭ تېلېۋىزىيىدە ئاتالمىش ئىقرارنامىسىى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا يەنە، ئادۋوكات جەي يەنمېننى ئاغدۇرمىچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. يۇقىرىدىكى ۋەقەلەر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ سوتلارنى ساختا، دەپ تەنقىد قىلغان.