بۇ يىل 3269 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كەنت كادىرلىرى قوشۇنىغا سەپلىنىدىكەن

دائىرىلەر يېقىندا «بوغدا كۆلى پىلانى» نى يەنە ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، بۇ يىل ئىچىدە جەمئىي 3269 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى كەنتلەرگە «كەنت كادىرى» قىلىپ سەپلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاتالمىش «بوغدا كۆلى پىلانى» بويىچە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كەنت كادىرلىقى ۋەزىپىسىدە چېنىقتۇرۇش ئىشى «ھەر بىر كەنتتە بىردىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، «بوغدا كۆلى پىلانى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ 2015-يىلى يولغا قويغان «تايانچ كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدا چېنىقتۇرۇش» پىلانى بولۇپ، ئۇنىڭدا نامزاتلار ئەگەر پارتىيە ئەزاسى بولسا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتار ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەيدىكەن. نامزاتلار ئەگەر پارتىيەسىز بولسا كەنت باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلار ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن ياكى ئالىي مەكتەپنى ئوقۇۋاتقان «تەربىيەلەش ئوبيېكتى» تىزىمىغا كىرگەن 32 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەنت كادىرى بولۇپ چېنىقىش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدىكەن.

مەزكۇر پىلان بويىچە كەنت كادىرلىقىغا سەپلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتتىن كۆپرەكى جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا ئەۋەتىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئالدىنقى قاراردا كەنت كادىرلىقىغا ئەۋەتىلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەنتلەرنىڭ سېكرېتارلىقىنى ئاستا-ئاستا مونوپول قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.