«ئالتۇنوق» تور كۇتۇپخانىسى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.04.05


ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ياشايدىغان تونۇلغان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، كۆپلىگەن تارىخىي پائالىيەتلەرنىڭ شاھىدى غولامىدىن پاختا ئەپەندى تەرىپىدىن ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغان يېڭى تور كۇتۇپخانىسى«ئالتۇنوق»نىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ياخشى ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، غولامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تور كۇتۇپخانىسىغا قويۇلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زوردۇر. نۆۋەتتە، غولامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان باشقا يەنە كۆپ ساندىكى كىتابلار، ماقالىلار ۋە جۇرناللار بىرمۇ - بىرمۇ تورغا قويۇلۇش ئۈستىدە ئىكەن.

«ئالتۇنوق» تور كىتابخانىسىدا بىر قىسىم مەشھۇر تارىخى شاھىدلارنىڭ قول يازمىلىرى ۋە ئەسەرلىرىمۇ يورۇق كۆرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدا چۆچەك شەھىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ھەمدە «خەلق ئاۋازى» گېزىتىنى چىقارغان، 1950 - يىللىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، كېيىن ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كېتىپ ئۆزبېكىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان، تونۇلغان ئۇيغۇر ژۇرنالىستى ۋە ئەيىبى ئابدۇقادىر زۇنۇنىنىڭ شېئىرىي ئەسلىمە داستانىمۇ بار.

بۇ تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 يىللىرىدىكى تۇنجى تارىخچىلىرىدىن بىرى پولات قادىرىنىڭ «ئۆلكە تارىخى» ناملىق كىتابىمۇ بار بولۇپ، مەزكۇر ئەسەر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرادىن كېيىن، ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ئۆز قولى بىلەن يازغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسقىچە ئومۇمىي تارىخىدۇر. پولات قادىرى 1970 - يىللاردا تۈركىيىدە ۋاپات بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.